◆ قۇرغۇچى ھەققىدە 


1.png

ئۇستاز ئابدۇللا

شىنجاڭ چوڭ ئۇستام يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى 

ئابدۇللا ئاشپەز، چۇڭ ئۇستام  ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى


ئابدۇللا ئۇستام 1988-يىلى يېچېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۈچ يىل مۇنتىزىم كەسپىي تاماق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭ ئالاھىدە تەم تەڭشەش ۋە تەم جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئۇنى ناھايىتى تېزلا ئارقا ئاشپەزگە ئايلاندۇردى. 

ئۇ تاماق ئېتىش ۋە ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، تاماقنى تېتىتىشنىڭ ئاددىي ماھارەت بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاشپەزلىك ماھارىتىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر نۇقتىسى، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل سەنئەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ تېتىتقۇلار ساھەسىدىكى بوشلۇقنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن 2007-يىلى يېچېڭ ناھىيەسىدە تېتىتقۇلار مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، بۈگۈنكى «چوڭ ئۇستام» ماركىسىغا دەسلەپكى ئاساس سالدى. 

ئابدۇللا ئۇستام ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق كەسپىي تاماق ئېتىش تەجرىبىسى ۋە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تەم ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، ھەر خىل تۈردىكى تەم تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى يەنىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئويى پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى «شىنجاڭ ئابدۇللا ئۇستام يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، كەسىپنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ماركا نامىنى «ئابدۇللا ئۇستام» نى «چوڭ ئۇستام» غا ئالماشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر «چوڭ ئۇستام بولۇشقا مۇناسىپ» دېگەن شىركەت ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، كەسپىي ئىزدىنىشنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى.



دوستانە ئۇلىنىشلار :